تۈركىيە چېگرىسىدا بىر دائېش گۇماندارى قولغا چۈشتى
تۈركىيە چېگرىسىدا بىر دائېش گۇماندارىنىڭ قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
238578
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گازىئانتەپتە سۈرىيە چېگرىسىدىن تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغان بىر دائېش گۇماندارى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.
گۇماندارنىڭ ئۈستىدىن چىققان يانفوندا دائېش ئەزالىرى بىلەن تارتىلغان سۈرەتلەر چىقتى. نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان بۇ گۇماندار سوراق قىلىنماقتا.