غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 54 كە يەتتى

ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلغاندىن بۇيان غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 54 يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

98386
غەززەدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 54 كە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى دوكتور ئەشرەف ئەلكۇدرا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بۇزۇلغاندىن كېيىن، ئىسىرائىلىيەنىڭ 20 – ئاۋغۇست كېچىدە رەفاھ شەھىرى ۋە ئەتراپىغا قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۈچ ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ھۇجۇم قىلىش قايتا باشلانغان 19 – ئاۋغۇستتىن بۇيان جەمئىي 29 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 167 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ 20 – ئاۋغۇست كېچىدە غەززەنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ۋە نۇرغۇنلىغان بىنانىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، 7 – ئىيۇل باشلانغان ھۇجۇملاردىن تارتىپ ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 54 كە، يارىلانغانلار سانىنىڭ 10 مىڭ 251 گە چىققانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىسىرائىلىيە بىر قانچە يىلدىن بۇيان قورشاۋ ئاستىدا تۇتۇۋاتقان غەززەگە 7 – ئىيۇل ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن، 17 – ئىيۇل قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتكەن ئىدى. بىر ئايدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ھۇجۇملاردىن كېيىن، مىسىردا ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. ئىسىرائىلىيە راكىتامىيوت ئېتىلغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ قايتىدىن غەززەنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغان ئىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر