پاناھلانغۇچىلار؛ ئىمانىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئېمتىھانىدۇر

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 27 (ئاۋازلىق)

766667
پاناھلانغۇچىلار؛ ئىمانىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىزنىڭ ئېمتىھانىدۇر

 

 

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

«مۇھاجىرلار كېلىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان، مەدىنىگە يەرلىك كىشىلەر بارغۇ؟! ئۇلار ھىجرەت قىلىپ يېنىغا كەلگەنلەرنى (يەنى مۇھاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا (يەنى مۇھاجىرلارغا) بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچىدە قىلچە ئىھتىياج ھېس قىلمايدۇ. ئۇلار مۇھتاج تۇرۇقلۇق (مۇھاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى) ئۆزلىرىنىڭ (مەنپەئىتى)دىن ئەلا بىلىدۇ، ھەقىقەت شۇكى، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر.» (سۈرە ھەشىر 9 – ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«مۆئمىنلەر بىر - بىرىلىرىنى سۆيۈشتە، بىر - بىرىگە  كۆيۈم - شەپقەت كۆرسىتىشتە،  خۇددى بىر ئەزاسى بىئارام بولسا، ئۇنىڭ ئاغرىقىنى باشقا ئەزالىرىمۇ تەڭ ھېس قىلىدىغان بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ» (بۇخارى، ئەدەب بابى 27 – ھەدىس)

ئەزىز قېرىنداشلار! مەدىنىلىك ئەنسارلار ئىماننى دەپلا ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ، ئۆزلىرىدىن پاناھلىق تىلىگەن مەككىلىك مۇھاجىر قېرىنداشلىرىغا يۈرەك باغرىنى ئاچقان، ئۇلار ئۈچۈن ھەر قانداق پىداكارلىقتىن قاچمىغان ئىدى. ھەتتا بىر كۈنى كەمبەغەل ئەنسارلاردىن بىرسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە بىر مۇھاجىرنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۆيىدە پەقەت كىچىك بالىلىرىغا يەتكۈدەكلا يەيدىغان نەرسە بار ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئەنسار چاندۇرۇماستىن بالىلىرى ئۇخلۇتۇپ قويۇپ، ئۆيىدىكى ئۇ ئازغىنە يېمەكنى مۇھاجىر مېھمىنىنىڭ ئالدىغا قويغان ئىدى. ھەتتا باشقا باھانە بىلەن چىراقنى ئۆچۈرۈپ، گويا مېھمىنى بىلەن ئۆزىمۇ تەڭ تاماق يەۋاتقاندەك كۆرۈنۈشكە تىرىشقان ئىدى. شۇ كۈنى بۇ ئەر - ئايال ئەنسارلار ئائىلىسى بىر مۇھاجىرنى مېھمان قىلىش ئۈچۈن بالىلىرىغا ئوخشاشلا ئـۆزلىرىمۇ ئاچ ئۇخلىغان ئىدى. بۇنىڭغا قارىتا ئاللاھ تائالا ئەنسارلارنىڭ پىداكارلىقى ئالاھىدە مەدھىيەلەنگەن يۇقىرىقى ئايەتنى نازىل قىلغان ئىدى.

قەدىرلىك مۆئمىن قېرىنداشلار! رەببىمىزگە شۈكۈرلەر بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ رەسۇلىنى ئۆزىگە رەھبەر بىلگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ تۇنجى نەسلىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ئەزىز مىللىتىمىزمۇ ئەسىرلەردىن بۇيان مەملىكىتىمىزدە مۇھاجىرلارغا ئەنسارلىق قىلىپ كەلدى. ئىرقى، تىلى ۋە ئېتىقادى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۆزىدىن پاناھلىق تېلىگەنلەرگە ھېچ ئىككىلەنمەستىن قەلب دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ كەلدى. دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە زۇلۇمغا ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلار بولسا، ئۇلارغا قوچاق ئېچىپ، بېشىنى سىلاپ كەلدى. يېتىم –يەسىر، ئىگە چاقىسىزلارغا ئىگە بولدى. كەمبەغەللەرنىڭ ۋە مۇھتاج كىىشلەرنىڭ ياردىمى ئۈچۈن يۈگۈردى. ھەر دائىم ھەقنىڭ، ھەق ئىگىسىنىڭ ۋە توغرىنىڭ يېنىدا يەر ئالدى. زۇلۇمغا ۋە زالىمغا قارشى تىك تۇردى. نەتىجىدە بويۇنلىرى پۈكۈك پاناھلانغۇچى، غەرىپ – غۇرۋا، مۇھاجىرلارنىڭ كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان دۇئالىرى مىللىتىمىزنىڭ تۈگىمەس – پۈتمەس كۈچ - قۇدرىتىگە ۋە مۇستەھكەم قالقىنىغا ئايلاندى. رەببىمىز زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىدىن چىققان مەقبۇل دۇئالارنىڭ... غەمكىن يۈزلەردە پەيدا بولغان تەبەسسۇملارنىڭ... مەھرۇم قەلبلەردە ياشنىغان ئۈمىتلەرنىڭ يۈز خاتىرىسى ئۈچۈن بىزلەرنى ھېچ قاچان شەرمەندە بولىدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويماستىن، دائىم ئەزىز قىلدى. بىزلەرنى چارىسىز، ئىگە – چاقىسىز تاشلاپ قويمىدى. نۇسرەت ۋە ئىنايىتىنى بىزدىن قەتئىي ئايىمىدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! سىلەرگىمۇ مەلۇمكى، بىز ياشاۋاتقان بۇ زېمىن ئەزەلدىن تارتىپ ھىجرەت يۈرتى ئىدى. مەرتلىكى، سەخىيلىقى ۋە پىداكارلىقى بىلەن نام چىقارغان بۇ ئۇلۇغ مىللىتىمىز بۇ زېمىننى دائىملىق بىخەتەر ماكانغا ئايلاندۇردى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايونىمىزدا يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش، ۋەھشىيلىك ۋە قەتلىئاملاردىن قاچقان مىليونلىغان قېرىنداشلىرىمىز ئامالىسىز ۋەتىنىمىزدىن پاناھلىق تىلىدى. مىللىتىمىز پۈتۈن دۇنيانىڭ رەشكى – ھەسەتلىرىنى قوزغىغىدەك دەرىجىدە مەرتلىكى ۋە سەخىيلىقى بىلەن ئۇلارغا ياردەم قولىنى سوزدى ھەمدە ئۇلارنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە قارشى ئالدى. بىراق مانا ئەمدىلىكتە مىللىتىمىزنىڭ بۇ ئالىيجاناپلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقچى بولغان بەزى سەلىبىي ئەھۋاللارغا شاھىت بولماقتىمىز. بولۇپمۇ بەزى قاراڭغۇ كۈچلەر قېرىنداشلىقىمىزغا ۋە مېھماندوستلۇقىمىزغا قارشى بىر پىسىخىئولوگىيەلىك ھەرىكەت باشلىدى. بۇ قاراڭغۇ كۈچلەر نۇرغۇنلىغان ئاساسسىز خەۋەر ۋە پىتنە  - ئىغۋالارنى تارقىتىپ، ئارىمىزغا ئۆچ – ئاداۋەت ۋە نەپرەت ئۇرۇقلىرىنى چېچىشقا، مىللىتىمىزنىڭ بىرلىكى ۋە  بارارۋەلىكىگە، خاتىرجەملىكى ۋە ئۆزئارا مېھرى – مۇھەببىتىگە زىيان سېلىشقا ئۇرۇنماقتا. شۇڭلاشقا ھەر بىر مۆئمىن قېرىنداشلىرىمىز بۇ جەھەتتە قاتتىق سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىشى ۋە پاراسەت بىلەن ئىش تۇتۇشى لازىم.

قىممەتلىك جامائىتىمىز! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى بويىچە، «مۆئمىنلەر بىر - بىرىلىرىنى سۆيۈشتە، بىر - بىرىگە  كۆيۈم شەپقەت كۆرسىتىشتە  خۇددى بىر ئەزاسى بىئارام بولسا، ئۇنىڭ ئاغرىقىنى باشقا ئەزالىرىمۇ تەڭ ھېس قىلىدىغان بىر بەدەنگە ئوخشايدۇ» (بۇخارى، ئەدەب بابى 27 – ھەدىس)

ئۇنداقتا كېلىڭلار! پاناھلانغۇچى مېھمان قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە نىسبەتەن جاپا – مۇشەققەت ئەمەس، ئىلاھىي رەھمەتنىڭ ۋەسىلىسى دەپ بىلەيلى! بەزىلىرىنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى ھەممەيلەننىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويمايلى! ئاللاھ ھېچ كىشىنى ۋە ھېچ بىر مىللەتنى بۇنداق ئېغىر ئېمتىھاندا سىنىمسۇن، دەپ دۇئا قىلايلى! بۇ مۇرەككەپ، نازۇك ۋەزىيەتتە، بىر مىللەت بولۇش سۈۈپىتىمىز بىلەن بىزنى تىك تۇتۇپ تۇرغان ۋە بىز ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ، پاراسەت ۋە پەزىلەت ئىكەنلىكىنى قەتئىي ئۇنتۇپ قالمايلى! شۇنى مەھكەم ئەستە تۇتايلىكى، قېرىنداشلىقىمىز، بىرلىكىمىز، ئىتتىپاقىلىقىمىز ۋە خاتىرجەلىكىمىز بىزلەرگە ئامانەتتۇر. شۇنىڭدەك بىزنىڭ رەھىم شەپقىتىمىزگە سېغىنغان، بىزدىن ياردەم تىلىگەن ھەر بىر جان ئىگىسىمۇ، ئىمانىمىز، ئىسلامىمىز ۋە ئىنسانلىقىمىزغا نىسبەتەن بىر ئېمتىھاندۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! كېلەر ھەپتە مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بايلىقىغا قەست قىلغان 15 – ئىيۇل خىيانەت ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ تۈنجى خاتىرە يىلىغا قەدەم قويىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 15 – ئىيۇل كۈنى قۇربان بولغان شېھىتلىرىمىز بىلەن قوشۇپ بارلىق شېھىتلىرىمىزنىڭ روھىغا ئاتاپ مەملىكەت مىقياسىدا قۇرئان خەتمە قىلىنىدۇ.  14 – ئىيۇل جۈمە نامىزىدىن ئىلگىرى بارلىق جامەلىرىمىزدە شېھىتلەرنى ئەسلەش پىروگراممىلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، خەتمە دۇئاسى ئوقۇلىدۇ. شېھىتلىرىمىزغا بولغان ۋاپا بورچىمىز سۈپىتىدە سىلەرنى دۇئاغا ئىشتىراك قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. ئۆز جانلىرى بىلەن بۇ زېمىننى بىزلەرگە ۋەتەن قىلىپ بەرگەن بارلىق شېھىتلىرىمىزغا يەنە بىر قېتىم ئۇلۇغ ئاللاھتىن رەھمەت، غازىلىرىمىزغا سالامەتلىك تىلەيمىز. ئامىن!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر