قۇرئان ئېيىدا قۇرئان بىلەن ئۇچرىشايلى!

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 23 (ئاۋازلىق)

749594
قۇرئان ئېيىدا قۇرئان بىلەن ئۇچرىشايلى!

ئەزىز قېرىنداشلار!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى ساھابىلىرىغا خۇپتەن نامازىنى ئوقۇپ بېرىش ئۈچۈن مەسجىدى نەبىۋىگە نەۋرىسىنى ئېلىپ بارغان ئىدى. ناماز جەريانىدا بىر سەجدىنى ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قىلدى. ھەتتا ساھابىلەر «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر ئىش بولغاندىمۇ ياكى ۋەھىي كېلىۋاتقاندىمۇ؟» دەپ ئويلاپ قېلىشقا باشلىغان ئىدى.  ئاخىرى ناماز تۈگىگەندىن كېيىن ساھابىلەر نېمە ئۈچۈن سەجدىنى بۇنداق ئۇزۇن قىلغانلىقىنى سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: «ئەھۋال سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس، سەجدىگە بېرىپ تۇرىشىمغا سۆيۈملۈك نەۋرەم ئۈستۈمگە چىقىۋالغان ئىدى. كۆڭلى خوشال بولسۇن، يېقىلىپ چۈشۈپ بىرەر يېرى ئاغرىمىسۇن دەپ يەرگە چۈشۈشىنى ساقلىدىم» دېدى[1].

ئاللاھ تائالانىڭ قۇرئان كەرىمدىكى سۆزى بويىچە بولغاندا پەرزەنتلىرىمىز كۆزلىرىمىزنىڭ نۇرى ۋە قەلبلىرىمىزنىڭ شاتلىقىدۇر. ئۇلار دۇنيا ھاياتىنىڭ زىننەتلىرىدۇر. پەرزەنتلىرىمىز بىزلەرگە ئاللاھنىڭ ئەڭ مۇھىم ئامانەتلىرىدىن بىرسىدۇر. شۇڭا مۆئمىن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ قولۇقىغا توۋلىغان تۇنجى ئەزان ئارقىلىق يۈرەك پارىلىرىمىزنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىمىز. بۇ چاقىرىقىمىزغا ئۆز فىترىتى (تەبىئىتى) بىلەن قولاق سالغان ھەر بىر پەرزەنتىمىز سۆيگۈنى، ئېتقادنى ۋە ئىشىنىشنى بىزدىن ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ يارىتىلىش خاراكېتىرىنى بۇزماستىن رۇھىنى ئوزۇقلاندۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىپىمىزدۇر. ئۇلارغا رەببىنى ۋە پەيغەمبىرىنى تونۇتۇش، ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرۈش، گۈزەل ئەخلاقنى سىڭدۈرۈش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.

مۆھتىرەم قېرىنداشلار! قۇرئان كەرىمنى ئوقۇش، توغرا چۈشۈنۈش ۋە ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ئەمەل قىلىش ھەممەيلەنگە نىسبەتەن قۇرئاننىڭ غايىسى بولۇشى لازىم. چۈنكى بىزنىڭ نىجاتلىق رىتسىپىمىز قۇرئانى كەرىمدۇر. بۇ ئۇلۇغ كىتابىمىز ئۆزىگە ئىشىنىپ ھەقىقىي ئەگەشكەنلەرنى ھەر ئىككى دۇنيادا سائادەتكە ئىگە قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئايەتتە مۇنداق خۇش خەۋەر بېرىلىدۇ:

«قۇرئان ھەقىقەتەن ئەڭ توغرا يولغا باشلايدۇ، ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغان مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلىقى بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇ[2]»

دېمەك، پەزەنتلىرىمىزنى قۇرئاننىڭ رەھبەرلىكىدە يېتىشىشى ئۈچۈن كېچىكىدىن تارتىپلا قۇرئان ئاساسىدىكى پەزىلەتلەر بىلەن تونۇشتۇرىشىمىز لازىم. چۈنكى قۇرئاننىڭ مەنىۋى داستىخىنىغا پەرزەنتلىرىمىزنىڭ رۇھى باشقا ھەرقانداق كىشىدىن تېخىمۇ يېقىندۇر. ئۇلارنىڭ ئاپئاق زىھىنلىرى، پاك قەلبلىرى قۇرئاننىڭ تەلىماتلىرىغا ھەممەيلەننىڭكىدىن بەكرەك  ئوچۇقتۇر. ئەگەر پۈتۈن ئۆمرىنى قۇرئان بىلەن نۇرلاندۇرۇش ۋە بەرەكەتلەندۈرۈشنى خالايدىغان بولساق، ئۇنداقتا رامىزان بۇنىڭ دەل ۋاقتىدۇر.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ مۇبارەك ئايدا ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ كىتابىمىز بىلەن، پەيغەمبرىمىزنىڭ ئۈلگىلىك ھاياتى بىلەن ۋە ئىسلامىي ئىبادەتلىرىمىز بىلەن تۇنۇشىشى، جامە، مىنبەر، مېھرابلار بىلەن ئۇچرىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن گۈزەل بىر پۇرسەت باشلاندى. يازلىق قۇرئان كۇرسلىرىمىز 12 - ئىيۇندا ئېچىلىدۇ. «قۇرئان ئېيىدا قۇرئان بىلەن ئۇچرىشايلى!» دېگەن چاقىرىق ئارقىلىق جامەلىرىمىزدىكى قۇرئان كۇرسلىرىمىز كۆزىمىزنىڭ نۇرلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمىز بىلەن يەنە بىر قېتىم بايرام مۇھىتىغا چۆمىدۇ. شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، پەرەنتلىرىمىزنى ئۇلۇغ كىتابىمىز قۇرئان كەرىم بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ھەم ئاتا – ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەجبۇرىيىتىمىزدۇر، ھەم ئەۋلادلىرىمىزغا قالدۇرىدىغان ئەڭ كاتتا مىراسىمىزدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقىقەتنى مۇنداق تىلغا ئالغان ئىدى:

«ھېچ بىر ئاتا – ئانا، پەرزەنتىگە گۈزەل تەربىيەدىنمۇ قىممەتلىك سوغات بېرەلمەيدۇ[3]»

ئەزىز قېرىنداشلار، كېلىڭلار! ئاللاھنىڭ كاتتا نېئمەتلىرى بولغان پەرزەنتلىرىمىزنى قۇرئاننىڭ رەھمەتكە تولغان تەلىماتلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرايلى! پەرزەنتلىرىمىزنى ئىلىم ئىرفان، ئەدەپ – ئەخلاق بىلەن بېزەيلى! ئۇلارنى قۇرئانسىز قويۇپ قويمايلى! قەلب ئىددىيەلىرى ۋە ئىستىقباللىرىنى قۇرئان بىلەن روناق تاپقۇزايلى! قولىدا قۇرئان، كۆكسىدە ئىمان بىلەن ھاياتىغا يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان سەمىمىي مۇسۇلمانلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن رامىزاننى پۇرسەت بىلەيلى! ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن يېقىندىن تۇنۇشقان، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان، دىن ۋە مىللىتىگە ۋاپادارلىق بىلەن مەھكەم باغلانغان نەسىللەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرەيلى! بۇ مۇبارەك ئايدا دۇنيا ساماسىغا نازىل قىلىنغان قۇرئان كەرىمنى ئالدى بىلەن ئۆز قەلبىمىزگە ئاندىن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ قەلبلىرىگە مەھكەم سىڭدۈرەيلى!

ئەزىز قېرىنداشلار! خۇتبىمىزنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزلەرگە ئۆگەتكەن مۇنۇ دۇئا بىلەن ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز:

«ئىي رەببىمىز ئاياللىرىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنى كۆزىمىزنىڭ (شاتلىق) نۇرى قىلىپ بەرگىن، بىزنى ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلىشتىن ساقلىنىدىغانلاردىن قىلغىن![4]»

«پەرۋەردىگارىم! مېنى ۋە ئەۋلاتلىرىمنى نامازنى ئادا قىلغۇچىلاردىن قىلغىن ۋە ئەۋلاتلىرىم ئىچىدىنمۇ (شۇنداق قىلىدىغان كىشىلەرنى مەيدانغا كەلتۇرگىن)، پەرۋەردىگارىمىز! دۇئايىمنى قوبۇل قىلغىن[5]»

 

 

 


[1]  نەسائىي تەتبىق بابى 82 – ھەدىس

[2] سۈرە ئىسرا 9 - ئايەت

[3] تىرمىزى، سىلە رەھىم بابى 33 – ھەدىس

[4] سۈرە فۇرقان – 74 ئايەت

[5] سۈرە ئىبراھىم 40 – ئايەت



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر