ت ر ت خەۋىرى

TRT خەۋىرى

TRT خەۋىرىنىڭ مەقسەت – نىشانى

TRT خەۋىرى دۆلەت ئىچى ۋە دۇنيادىكى تەرەققىي قىلغان ئقتىسادىي، بىلىم، تېخىنىك، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ھەققىدە خەلق ئاممىسىنڭ ئىزچىل، توغرا، تىز ۋە تولۇق خەۋەردار بولىشىنى ھەمدە كەڭ دائىرىلىك دېموكراتىيىگە ۋە قانۇننىڭ ئۈستۈنلىكىگە ئۇيغۇن ھالدا توغرىنى بىلەلىشىنى، ساغلام ۋە ئەركىن ھالدا ئۆز قارىشىنى ئىپادىلىيەلىشىنى، شۇنداقلا دېموكىراتىك جەمئىيەتتە كۆپ سانلىقنىڭ تەكىتلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە، مۇنازىرە ۋە پەرقلىق قاراشلارنىڭ شەكىللىنىشىگە ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغان نوقتىلىق تېمىلاردا، خىلمۇ خىل تەھلىل قىلىنغان مەسلىلەردە ئاممىنڭ ۋاقىپلاندۇرىلىشىغا ياردەمدە بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.

خەۋەرچىلىك پرىنسىپلىرى:
  1. خەۋەر ۋە ۋەقەلەرنى تىز ۋە توغرا بىر شەكىلدە يەتكۈزۈش، ۋاقتى كەلگەندە تۈركىىيەگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بولغان ئىچكى ۋە تاشقى ۋەقەلەر ھەققىدە مۇتەخەسسىس شەخس ياكى كىشىلەرنىڭ تەھلىل ئېلىپ بېرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
  2. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي ھەمكارلىقى ۋە ئادالەت چۈشەنچىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدىغان دېموكىراتىك، دىن بىلەن سىياسەت ئايرىۋېتىلگەن ئىجتىمائىي قانۇن دۆلىتى غايىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان قاراشلارغا كەڭ دائىرىدە ئورۇن بېرىش.
  3. تۈركىيەدە، تۈرك دۆلىتى ۋە خەلقلىرىگە، شۇنداقلا دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەرگە دائىر خەۋەر-ئاخباراتلارغا زامانىۋىي خەۋەرچىلىك چۈشەنچىسى بىلەن، بىتەرەپ ھالدا ئورۇن بىرىش. مۇھىم ۋەقەلەرنىڭ تەكىتلىنىشى ئۈچۈن ئىشلەنگەن خەۋەر-پروگراممىلارنى تەييارلاش، خەلق ئاممىسى ئارىسىدا خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىدىغان، جەمىئىيەت تەرتىۋىنى بۇزىدىغان خەۋەر ۋە خەۋەر-پروگىراممىلارغا ئورۇن بەرمەسلىك.
  4. قانۇن دائىرىسىدە، قانۇنلۇق ئىدارە ۋە تەشكىلاتلار ئارىسىدا ئايرىمچىلىقتىن خالىي بىتەرەپ بولۇش، توغرا ۋە تېز بولۇش پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن شەكىلدە مەخسۇس خەۋەرلەرنى ۋە خەۋەر پروگراممىلارنى ئىمكان قەدەر رادىئو ئۈچۈن ئايرىم، تېلېۋىزور ئۈچۈن ئايرىم تەييارلاش.
  5. دۆلەتنىڭ سىياسي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك پائالىيەتلىرى ھەققىدە، پۇقرالارنىڭ قارىشىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرگەن پروگراممىلارغا ئورۇن بېرىش.
  6. خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تاشقى مەنبەلىك خەۋەرلەرنى يەرلىك ئاخبارات ئاگېنىتلىقلىرى ۋە TRT گە مەنسۇپ خەۋەر مەنبەلىرى بىلەن ئىسپاتلاشقا تېرىشىش.
  7. TRTنىڭ مەخسۇس خەۋەرلىرى ۋە خەۋەر پروگراممىلىرىدا، تۈركىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شۇنداقلا زامانىۋىي جەمئىيەت كىشىلىرىنڭ دېققىتىنى تارتىدىغان ۋەقەلەرنى كەڭ ئاممىغا بىتەرەپ ھالدا يەتكۈزۈش.
  8. مەخسۇس خەۋەرلەردە ۋە خەۋەر پروگراممىلىرىدا، تارقىتىش ۋاستىلىرىنڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن شەكىلدە چۈشەندۈرۈش مېتودلىرىنى ئېتىبارغا ئېلىش ھەمدە مەخسۇس خەۋەرلەردە، بۇرۇن بېكىتىلگەن قائىدىلەرنىڭ ئورنىغا مۇخبىرلارنىڭ خەۋەرلەرنى نەق مەيداندىن تارقىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. تېلېۋىزۇردا كۆرسىتىش، ئۈنۈم، گىرافىك، رەسىم ۋە ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىش. تېمىغا مۇناسىۋەتسىز كۆرۈنۈشلەرنى بەرمەسلىك، ئارخىپ كۆرۈنۈشلىرى قوللىنىلغان ئەھۋال ئاستىدا، چوقۇم «ئارخىپ» سۆزىگە ئورۇن بېرىش.
  9. خەۋەرلەردە تەھلىل ۋە باھالارغا ئورۇن بېرىش. مەخسۇس تېمىدىكى خەۋەر پروگراممىلاردا، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە كېلەچەكتىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە زىيان يەتكۈزىدىغان سىياسىيلاشقان ۋە مۇئەييەن ئىدىئولوگىيلىك باھالارنى بەرمەسلىك، خەۋەر ۋە تەھلىل مەنبەلىرىنڭ ئەسكەرتىلىشىگە دېققەت قىلىش.
  10. ئاز سانلىق كىشىلەرگە ياكى كىچىك رايۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك ئېچىلىش، ئۇل سېلىش، دىپلوما تارقىتىش قاتارلىق مۇراسىملارغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى تەييارلاشتا مۇناسىۋەتلىك خەلقنىڭ نىسبىتىنى ئالاھىدە نەزەردە تۇتۇش، ھەرگىزمۇ مۇبالىغىلەشتۈرگۈچى ئاخباراتچىلىق دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالماسلىق.
  11. سىياسىي خەۋەر ۋە خەۋەر پروگراممىلاردا بىتەرەپلىك، ئوبيېكتىپلىق ۋە يېڭىلىقىقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش. سىياسي پارتىيىنىڭ باياناتلىرى قىسقارتىلغان ئەھۋال ئاستىدا بولسا، ئىزاھاتنىڭ مەقسىتى ۋە نېگىزىنى يوقاتماسلىق.
  12.  تاق يۆلىنىشلىك ۋە تەرەپباز تارقىتىشلارغا ئورۇن بەرمەسلىك. بىرەر سىياسىي پارتىينىڭ ياكى گۇرۇپپىنىڭ، مەنپەئەت، مۇناسىۋەت، ئېتىقاد ياكى چۈشەنچىسى ئۈچۈن ئويۇنچۇق بولۇپ بەرمەسلىك. سوت قارارى بىلەن ئسپاتلانمىغىچە ھېچكىمنى جىنايەتچى قىلىپ كۆرسەتمەسلىك ۋە ئېلان قىلماسلىق.
  13. سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە بولغان خەلق ئىنكاسىنىڭ ئەكىس ئەتتۈرىلىشى ۋە كەڭ خەلققە يەتكۈزۈلىشىگە تېرىشىش، زىيارەت، مەتبۇئات، سۆھبەت پروگراممىلىرى قاتارلىقلارغا ئورۇن بېرىش.