ت ر ت ھەققىدە

تۈركىيە رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى

تۈركىيەدە، «خەلق ئاممىسىغا پروگرامما تارقىتىش خىزمىتى» دېيىلگەن ھەر قانداق چاغدا، تۇنجى ۋە يىگانە بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە TRT رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ 1964- يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى قورۇلغانلىقى كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. 1927- يىلى 5- مايدا ئاڭلىتىش ھاياتىنى باشلىغان تۈركىيە رادىئوسىمۇ شۇ كۈندىن باشلاپ، TRT دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. شۇنداق قىلىپ، كونۇپكىسىنى باسساق ياكى قۇلىقىنى بۇرىساق بىزگە پۈتۈن دۇنيانى سەيىر قىلدۇرىدىغان تۈركىيە رادىئوسىغا 1960- يىللارنىڭ ئاخىرىدا تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت يېڭى بىر ھەمرا قوشۇلغان بولدى. تۈركىيە، 1968- يىلى 1- ئاينىڭ 31- كۈنى تۇنجى قېتىم TRT نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق تېلېۋىزور بىلەن تونۇشتى. 81 يىللىق تارىخقا ئىگە رادىئو ئاڭلىتىشى ۋە 40 يىللىق تارىخقا ئىگە تېلېۋىزىيە تارقىتىشى يولغا قويۇلۇش ئارقىلىق تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ جان تومۇرىغا، ھەمدە سىناق- تەجىرىبە ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن ئىشەنچ ئابىدىسىگە، بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى.


ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئاستىدا TRT تۈرك خەلقىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالدى. تۈركىيەنىڭ ھەم پروگراممىچىلىق تەلىم – تەربىيە مەركىزى، ھەم ئەڭ ئىشەنچلىك تارقىتىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە TRT رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى تارقىتىش جەھەتتە ئەڭ ئىلغار پروگراممېرلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئەنە شۇنداق تەبىئىي ئەھۋال ئاستىدا، بىر-بىرىدىن گۈزەل ۋە رەڭدار پروگراممىلار تۈركىيە تېلېۋىزىيسىدە روياپقا چىقتى. TRT، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە ساھەسىدە يالغۇز «پروگرامما ئاڭلىتىش ۋە تارقىتىش -» ئورگىنىلا ئەمەس، بەلكى «نۇقتىلىق مائارىپ ئورگىنى» بولۇش ۋەزىپىسنىمۇ ئۆتىدى. يۇقىرىقى ۋەزىپە پەقەت پروگرامما تارقىتىش خادىملىرىنى يېتىشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى خەۋەر ۋە ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەنگۈچىلەرنىڭ تەربىيىلىنىشىگىمۇ قارىتىلغان پروگراممىلىرى بىلەن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇنداق مەنىلىك ۋە زور ئەھمىيەتلىك ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ كېلىۋاتقان TRTبىتەرەپ، ئىشەنچلىك خەۋەر تارقىتىش نەزىرىيىسى ۋە «ئۇنۋېرسال تارقىتىش» پرىنسىپىنى چۆرىدىگەن سەۋىيىلىك پروگراممىلىرى بىلەن، دۇنيانىڭ ساناقلىق پروگرامما تارقىتىش ئورگانلىرى ئىچىدە تېگىشلىك ئورۇن تۇتۇپ كەلمەكتە. ئەنە شۇنداق مۇۋەپپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان ئاساسلىق ئامىللارنى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىغا يېغىنچاقلاش مۇمكىن:

ئىشەنچلىك ۋە مەسئۇلىيەتچان ئاخباراتچىلىق
TRT ئامېرىكا-ۋاشىنگتۇن، بىلگىيە-بىريۇسسىل، مىسىر-قاھىرە، گىرمانىيە-بېرلىن، شېمالى قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيتى-لەفكوشا، ئەزەربەيجان-باكۇ، تۈركمەنىستان-ئاشخاباد، ئۆزبېكىستان-تاشكەنت ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇخبىرلىرى بىلەن، قىسقىسى ئامېرىكىدىن ياۋرۇپا ۋە ئاسىياغىچە، ئوتتۇرا شەرقتىن كافكازلارغىچە بولغان كۆپلىگەن مەركەزلەردە ئاچقان شۆبە ۋە ۋەكالەتچىلىرى بىلەن، تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەم كۆزى ھەم قۇلىقى بولۇپ كەلمەكتە. - باش مەركىزى ئەنقەرەدە بولۇپ، ئستانبۇل، ئىزمىر، ئانتاليا، چۇكۇرئوۋا، دىيارباقىر، ئەرزۇرۇم ۋە ترابزون قاتارلىق رايۇنلۇق مەركەزلىرىنىڭ ھەربىرى ئۆز كەسپى ساھەسىدە تەجرىبىلىك كەسپىي خادىملىرى، شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەرلىك مۇخبىرلىرى بىلەن بىر پائالىيەتچان خەۋەر تورىدۇر. - توغرا، ئىشەنچلىك ۋە بىتەرەپ ئاخباراتچىلىق چۈشەنچىسى بىلەن TRT ئاڭلىغۇچىلار ۋە كۆرگۈچىلەرنىڭ زېھنىدىكى بىر «ئىشەنچ ماركىسى»دۇر.

ئوخشىمىغان ياشتىكىلەرگە ۋە ھەر خىل مەدەنىيەتتىكىلەرگە قارىتىلغان پروگراممىلار
-TRT خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بولغان پروگراممىچىلىق سەۋىيىسى بىلەن، مەدەنىيەت-مائارىپ، مۇزىكا-كۆڭۈل ئېچىش، ياش - ئۆسمۈرلەر ۋە تەنتەربىيە پروگراممىلىرى، ئاشكارا مۇنازىرە، ھۆججەتلىك فىلىملەر، دېرامما ۋە ئەڭ سۈپەتلىك كىنولاردىن تەركىپ تاپقان ئىسىل پروگراممىلارنى مائارىپ ۋە ئىجتىمائىي- ئىقتىسادىي سەۋىيسى جەھەتتىن پەرقلىق ھەر خىل ياشتىكى كەڭ خەلق ئاممىسىغا يەتكۈزۈشنى، شۇنداقلا، ئۇلارنىڭ ئالقىشى ۋە قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشكەن پروگرامما تارقىتىش ئورگىنى بولۇشنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەتلىك تۆت، خەلقئارالىق ئىككى، رايۇنلۇق بىر بولۇپ، جەمئي يەتتە تېلېۋىزىيە قانىلى بىلەن تۈركىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرۈلىدىغان بولۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.


تېلېۋىزىيە قاناللىرى

TRT1: ئائىلە قانىلى، 168 سائەت
TRT2: خەۋەر، ئۇچۇر، مەدەنىيەت - سەنئەت قانىلى، 168 سائەت
TRT3: ياشلار ۋە تەنتەربىيە قانىلى، 54 سائەت
TRT-GAP : شەرقىي ۋە شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايۇنلىرىغا قارىتىلغان پروگرامما، 69 سائەت
TRT4: مائارىپ ۋە مۇزىكا قانىلى، 139 سائەت
INT TRT: پۈتۈن دۇنياغا پروگرامما تارقىتىش قانىلى، 168 سائەت
TRT TURK: ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كافكازىيىگە قارىتىلغان پروگرامما تارقىتىش قانىلى، 119 سائەت

خەلقئارالىق سۇنئىي ھەمرا ۋە ئىككى قۇرۇقلۇق ئىستانسىسى ئارقىلىق ياۋرۇپا ۋە ئاسىيا پروگرامما تارقىتىش ئورگانلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك ۋەزىپىسنى ئۆتەپ كەلگەن، دۆلەت ۋە دۇنيا كۈنتەرتىۋىگە مۇناسىۋەتلىك تەرەققىياتلارنى، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق پروگرامما تارقىتىش ئورگانلىرى ھەمدە خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئەزاسى بولغان TRT، بۇلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ۋاقتىدا ۋە پۈتۈن تەپسىلاتلىرى بىلەن يەتكۈزۈش ئىمكانىيتىگە ئىگە بۈيۈك بىر يوشۇرۇن كۈچ ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، ياۋرۇپادا ياشايدىغان تۈركلەرگە قارىتا پروگرامما تارقىتىدىغان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرۈلىدىغان INT TRT قانىلى ئارقىلىق ۋەتەن سىرتىدىكى تۈركلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىلىرىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىگە ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. نىشانى INT TRTقانىلىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە خەلقئارا ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خەۋەر قاناللىرى بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان سەۋىيگە يەتكۈزۈشتىن ئىبارەتتۇر.

TRT نىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى تېلېۋىزىيە قاناللىرى
ئوخشىمىغان تىل ۋە شىۋىلەردە سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ۋە شۇ تىللاردا سۆزلىشىدىغان رايۇن دۆلەتلىرىگە پروگرامما تارقىتىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە كىرمانچە ۋە زازاچە شىۋىلىرىدە خىزمەت قىلىدىغان يېڭى تېلېۋىزىيە قانىلى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى داۋاملىشىۋاتىدۇ. پارىسچە ۋە ئەرەبچە سۆزلىشىدىغان خەلقلەر بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شۇ تىللاردا پروگرامما تارقىتىش خىزمىتىنى ئېلىپ بېرىش مەقسىتىمۇ بار. TRT ، تۈرك ئۆسمۈرلىرى ۋە دۇنيا ئۆسمۈرلىرىگە يەتكۈزۈلىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە كۈچلۈك بىر «ئۆسمۈرلەر قانىلى» قۇرۇشنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنمۇ ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

81 يىللىق رادىئوچىلىق تەجربىلىرى
TRT رادىئولىرى، دۆلەتلىك تۆت، رايۇنلۇق بەش رادىئو قانىلى ۋە ساياھەت رادىئوسى ئارقىلىق تەجرىبىلىك خادىملىرى، ھەر تۈرلۈك مۇزىكا ئەترەتلىرى، ئىقتىدارلىق سەنئەتچىلىرى، ئۆسمۈر ۋە ياشلار كۇلۇبلىرى، مول ئارخىپلىرى، كومپيۇتېر ياردىمىدىكى پروگرامما ئاڭلىتىشلىرى، ئەڭ يېڭى تېخنىكىغا ئىگە ئاڭلىتىش ئەسلىھەلىرى، كۈچلۈك دولقۇن تارقىتىش ئەسۋاپلىرى ۋە زامانىۋىي پروگرامما ئاڭلىتىش ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن پروگراممىلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ جانىجان ھەمراھى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

رادىئو قاناللىرى
رادىئو 1: مائارىپ، مەدەنىيەت، خەۋەر قانىلى بولۇپ، تۇرمۇشقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تېمىلار تەتقىق قىلىنغان پروگراممىلىرى ۋە ھەر سائەت بېشىدىكى مەخسۇس خەۋەرلىرى بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغان ھەمراھى بولۇشنى 81 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۋاتىدۇ. رادىئو 2 TRT-FM)): تۈرك سەنئەت مۇزىكىسى، تۈرك خەلق مۇزىكىسى ۋە پوپ مۇزىكىسىنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۆرنەكلىرى ئورۇن ئالغان مودا مۇزىكا قانىلى. رادىئو 3 : كلاسسىك مۇزىكا، جاز مۇزىكىسى ۋە ئوپىرا قانىلى. رادىئو 4 : تۈرك خەلق مۇزىكىسى ۋە تۈرك سەنئەت مۇزىكىسى قانىلى. TRT رادىئوسىنىڭ دۆلەتلىك تۆت قانىلىمۇ، تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ۋە ئىنتېرنت ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا 24 سائەت ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

TRT نىڭ رايۇنلۇق بەش رادىئو ئاڭلىتىش ئىستانسىسى

ترابزون رادىئوسى، ئەرزۇرۇم رادىئوسى، GAPدىيارباقىر رادىئوسى، ئانتاليا رادىئوسى، چۇكۇرئوۋا رادىئوسى، ساياھەت رادىئوسىمۇ پروگراممىلىرى بىلەن ھەم تۈرك ساياھەتچىلىكىگە، ھەم دۆلىتىمىزدىكى ساياھەتچىلەرگە خىزمەت قىلىشقا ئوخشاش مۇھىم ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ.

TRT نىڭ دۇنياغا 30 خىل تىلدا رادىئو ئاڭلىتىشى
چەتئەللەردىكى تۈركلەرنىڭ ئۆز دۆلىتى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ۋە تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 30 خىل تىلدا ئاڭلىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە ئاۋازى (Voice Of Turkey) تۈركىيەنىڭ ۋە دۇنيانىڭ پۈتۈن بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قەدەر ئۆز ئاۋازىنى يەتكۈزەلەيدۇ. تۈركىيە ئاۋازىنىڭ، ئىنگىلىزچە، فرانسۇزچە، نىمىسچە، ئەرەبچە، ئىسپانچە، ئىتالىيانچە، ئالبانچە، ئەزەرىيچە، بوشناقچە، بۇلغارچە، خەنزۇچە، دارىچە، پارىسچە، ، گىرۇزىنچە، ھىرۋاتچە، قازاقچە، قىرغىزچە، ھونگارچە، ماكىدۇنچە، ئۆزبىكچە، پۇشتۇچە، رومانچە، رۇسچە، سرىبچە، تاتارچە، تۈركمەنچە، ئوردۇچە، يۇنانچە، ئۇيغۇرچە ۋە تۈركچە ئاڭلىتىشلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قىسقا دولقۇن، سۇنئىي ھەمرا ۋە ئىنتېرنت، شۇنداقلا باشقا ئاڭلىتىش ساەسىدىكى ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن FM ئارقىلىق ئۇلىندۇ. دۇنيانى قۇچاقلىغان ئاخبارات تورى ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى ھەر تۈرلۈك يېڭى ئاخبارات ۋاستىلىرى خىزمەتلىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن، ئۆتمۈشىدىن ھاسىل قىلغان تەجرىبە - سىناق ۋە ئۇچۇرلىرى بىلەن، كۈنسايىن «كېلەچەكنى كۆرگەن كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك» بىر ئاخبارات ئورگىنىغا ئايلانماقتا. ئاخباراتچىلىق ساھەسىدىكى بۇ زور تەجرىبە، تېخنىكا ئاساسىي بىلەنمۇ بۈگۈن يەتكەن يۇقىرى پەللىسى بىلەن كۆزنى چاقنىتىدۇ. TURKSAT – A2 ۋە (3A)1C TURKSAT سۇنئي ھەمرالىرى ئارقىلىق TRT رادىئو ئاڭلىتىشى ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى ئېلىكتېرون رەقەملىك مۇھىتقا يەتكۈزىلىدۇ. ئەنقەرە، ئىستانبۇل ۋە ئىزمىر ۋىلايەتلىرىدە ئېلىكتېرون رەقەملىك تېلېۋىزىيە پروگرامما تارقىتىش سىناقلىرىمۇ 24 سائەت ئۈزلۈكسز داۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئىنتېرنت توردىكى TRT
ئۇچۇر دەۋرىدە زىيارەتچىلەرنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ۋە تېخنىكىنىڭ كەلتۈرگەن پۇرسەتلىرىنى خەلققە يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلغان TRT بۇ ساھەدىمۇ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە مۇھىم پىلان، خىزمەتلەرنى قىسقا ۋاقىتتا ئەمىيلىلەشتۈردى. 1999-يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى www.trt.net.tr ئادېرىسىدا تور بېكىتى ئېچىلدى. دۇنيادىكى تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ TRT نىڭ تارقىتىش خىزمەتلىرىگە ئېرىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەقستىدە، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى نەق مەيداندىن تور ئارقىلىق تارقاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا تۈركىيە ۋە دۇنيادىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر، ئىقتىسادىي ۋە پۇل- مۇئامىلە بازارلىرىدىكى تەرەققىياتلار، تەنتەربىينىڭ پۈتۈن تۈرلىرى، ھاۋا رايى، رادىئو ۋە تېلېۋىزىيە پروگرامما ۋاقىتلىرى، شۇنداقلا پروگرامما كۈنتەرتىپلىرى تور بېكىتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى. TRT تور ئاخباراتچىلىقىدا يېڭى بىر باسقۇچقا ئۆتۈپ، TRT تور بېكىتىنىڭ خەلقئارا ئاخباراتچىلىق ئاساسىنى ھازىرلىدى ۋە بىر-بىرلەپ تارقىتىشقا باشلىدى. بۇرۇن 11 خىل تىلدا باشلانغان چەتئەل تىللىرىدىكى تور ئاخباراتچىلىقىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە ئاۋازىنى پۈتۈن ئاخبارات تىللىرىدا ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.


TRT ئارخىبى - تۈركىينىڭ ئۈن - سىن ئامبىرى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇھىم تارىخىي ۋەقەلىرىگە شاھىد بولغان، شۇنداقلا، جۇمھۇرىيەت بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن بىر ئورگان ھەققىدە توختالغان ھامان، ئەلۋەتتە ئوتتۇرىغا مول بىر ئارخىپ چىقىدۇ. TRT پەقەت ئۈن – سىن ماتېرىياللىرىنى جەملەپ ساقلاش بىلەنلا قالماي، دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى قوللىنىپ، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە رادىئو- تېلېۋىزىيە مىراسىنى قوغداپ كەلمەكتە. ئوخشىمىغان تارىخلارغا ۋە ئوخشاش بولمىغان فورمىلارغا ئائىت بۇ ماتېرىياللار، مەزمۇن جەھەتتىن تەھلىل قىلىنغان ۋە ئاسراش خىزمەتلىرىدىن كېيىن، ئېلىكتىرونلۇق ئاخبارات دۇنياسىغا يەتكۈزۈلىدۇ.

TRT سېتىش مەركىزى
TRT سېتىش مەركىزى، TRT نىڭ ئارخىپ خۇسۇسيتىگە ئىگە پروگراممىلىرى، مۇزىكا ئەسەرلىرىنى كۆرۈنۈشلۈك ۋە ئاۋازلىق نەشىر ئەپكارلىرى سۈپىتىدە خەلققە سۇنىدۇ.

چوڭ ۋە مۇھىم پائالىيەتلەردە TRT ئىمزاسى
TRT «23- ئاپرېل خەلقئارا بالىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر خىل ئىرق، ھەر خىل تىل ۋە ئوخشىمىغان دىنلارغا مەنسۇپ دۇنيا ئۆسمۈرلىرىنى ئۇدا 30 يىلدىن بۇيان ھەر يىل 10 كۈن ساھىپخانلىق قىلىش ئارقىلىق دۇنيا تېنچلىقىغا زور ۋە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ، ھەمدە بۇ تۈردىكى خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنىڭ «ئۆزگەرمەس ئادېرىسى» TRT ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاپ كېلىۋاتىدۇ. ياۋرۇپا-ئاسىيا ناخشا مۇسابىقىسى، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ئولىمپىك يىغىنلىرى، دۇنيا ئۇنۋېرستىتلار ئارا ناخشا- ئۇسۇل پائالىيەتلىرى قاتارلىق مۇھىم خەلقئارالىق پائالىيەتلەردىمۇ يەنىلا TRT ئەڭ ئۈنۈملۈك رول ئويناپ كەلمەكتە. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھاياجانى قىسقا مەزگىل توختاپ قالغاندىن كېيىن يەنە قايتىدىن TRT ئېكرانلىرىدا ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. پۇتبول مەستانىلىرى 2010- ۋە 2014- يىللىق دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى يەنە TRT ئېكرانلىرىدا تاماشا قىلىدۇ ۋە تەبىئىي ھالدا ئولىمپىك مۇسابىقىلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرىنى تەنتەربىينىڭ ئۆزگەرمەس ئادېرىسى- TRT دىن تاپىدۇ. ئاخبارات ساھەسىدىكى تۈرلۈك يېڭى ئاخبارات خىزمەتلىرىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزلەشتۈرگەن؛ تارىخىي تەجرىبە – سىناقلىرى ۋە ئىگەللىگەن ئۇچۇر - مەلۇماتلىرى بىلەن كۈنسىرى «كېلەچەكنى كۆرگەن كۈچلۈك ۋە ئىشەنچلىك» ئاخباراتچىلىق ئورگىنىغا ئايلانماقتا. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ دۇنياغا، دۇنيانىڭ تۈركىيەگە ئېچىلغان كۆزنىكى بولۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن بۇ ئالاھىدىلىكلىرىنى پەقەت، ئۈچ ھەرپ، يەنىTRT بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن.

TRT ئەزا بولغان دۇنيا ئاخبارات ئورگانلىرى
EBU ياۋرۇپا ئاخبارات بىرلىكى

 (Europen Broadcasting Union)
ABU ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئاخبارات بىرلىكى
 (Asia-Pacific Broadcasting Union)
HFCC/ASBU قىسقا دولقۇندا تارقىتىش بىرلىكى گوروھى
(International High Frequency Broadcasters Coordination Group)
 ABU قىسقا دولقۇن بىرلىكى گوروھى
HFC ABU High Frequency Broadcasters Coordination Group
 IMC خەلقئارا مۇزىكا كېڭىشى
 International Music Council
 EIM ياۋرۇپا ئاخبارات ئىنىستىتۇتى
 European Institute of Media
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت كومىتىتى، تۈركىيە دۆلەتلىك كومىتېتى، تۈرك دۆلەتلىك نەشىرىياتچىلىق كېڭىشى) CMCA ئوتتۇرا دېڭىز ئۈن – سىن ئالاقە مەركىزى
 CENTRE Mediterraneen de la Communication Audioviseulle