11.02.2019

بۈگۈنكى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.02.2019

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىدىغان «ئەششەرق ئەلئەۋسات» گېزىتى، پەلەستىندىكى ئەلفەتىھ ھەرىكىتىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادىسىنىڭ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى نەزەرگە ئالمايدىغان ھەرقانداق كېلىشىمنى رەت قىلىدىغانلىقىنى ۋاشىنگتونغا يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتاردا چىقىدىغان «ئەررايە ئەلقاتارىييە» گېزىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىران خەۋپىگە قارشى بەھرەين ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن مەخپىي ئالاقىلەرنى ئورناتقانلىقىنى يازدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە نەشر قىلىنىدىغان «ئەلئېمارات ئەليەۋم» گېزىتى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ قەدەملىرىنى تېزلەتكەن ھالدا ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Spiegel Online» خەۋەرلەر تورى، تۈركىيەنىڭ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى يازدى.

گېرمانىيە ئاۋازى (DW)، ئىراندا ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ 40 – يىلىدا ئۆزگىرىشكە ئاياللارنىڭ يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەنە گېرمانىيەنىڭ «Focus Online» خەۋەرلەر تورى، تۈركىيەنىڭ ئاشلىق (باھاسى) تېررورىزمىغا قارشى تەدبىرلەرنى يولغا قويغانلىقى، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ مېۋە ۋە ئوتياشلارنى خەلقكە بىۋاسىتە سېتىشقا قارار قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Mundo» گېزىتى، ئىسپانىيەدىكى مىڭلارچە ئۆكتىچىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈلۈشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە باش مىنىستىر پېدرو سانچېزنىڭ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «El Pais» گېزىتى، ترامپنىڭ قارىشىچە، يامانلىقلار ئۈچ بۇلۇڭىنىڭ ۋېنېزۇئېلا، كۇبا ۋە نىكاراگۇادىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «Clarin» گېزىتى، مادۇرونىڭ ۋېنېزۇئېلادا 15 – فېۋرالغىچە داۋاملىشىدىغان ھەربىي مانېۋىر باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە «Tass» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەنگلىيە مۇداپىئە ۋەزىرى گاۋىن ۋىليامسوننىڭ، <رۇسىيە ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرگە قارىتا نامايان قىلىۋاتقان كۈشكۈرتكۈچى ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىشى كېرەك> دېگەنلىكىنى يازدى.

رۇسىيە «Ria Nowosti» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئالېكسېي يېرخوۋنىڭ <2018 – يىلىدا رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ كىرىزىستىن ئىلگىرىكى رەقەملەردىن ھالقىپ، 25 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكى> نى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «ئىزۋېستىيا» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «بىخەتەرلىك رادارى 2019» ناملىق ئەلرايى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ياۋروپادا بىر ئۇرۇشنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھەممىدىن بەك رۇسلار بىلەن ئۇكرائىنالىقلار قورقىدىكەن.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Liberation » گېزىتى، پارىژدا سېرىق جىلىتكىلىك نامايىشچىلاردىن بىرىنىڭ قولىنىڭ بەدىنىدىن ئاجراپ كەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Figaro» گېزىتى بولسا، 2015 – يىلى باش كۆتۈرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ گېرمانىيەنى داۋالغۇتۇپ قويغانلىقىنى يازدى.

يەنە فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Monde» گېزىتى، فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر