11.01.2019

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

11.01.2019

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: لىۋاندا چىقىدىغان «Alhayat» گېزىتى، «دونالد ترامپ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش بىلەن تەھدىت سالماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە ئەرەب تىلىدا چىقىدىغان كۈندىلىك «Alquds Alrabi» گېزىتى، «سابىق تۇنىس مىنىستىرى بەزى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن قاتارنى تەنقىد قىلىشىغا ئېتىراز بىلدۈردى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئەنگلىيەدە ئەرەب تىلىدا چىقىدىغان كۈندىلىك «Alquds Alrabi» گېزىتى، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زارىفنىڭ پوپېيونىڭ باياناتلىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ كىرگەنلىكى جايدا مالىمانچىلىق چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

كۇبادا چىقىدىغان «Prensa Latina» گېزىتى، بولىۋىيە دۆلەت رەئىسى ئېۋو مورالېسنىڭ مارت ئېيىدا ئەنقەرەگە بارىدىغانلىقىنى ۋە تۈركىيەل جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئارگېنتىنادا چىقىدىغان «Clarín» گېزىتى، ۋېنېزۇئېلادا نىكولاس مادۇرونىڭ قەسەمياد قىلغانلىقىنى، 2025يىلىغىچە دۆلەت رەئىسىلىكىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە «ھەقىقىي دېموكراتىيە مانا بىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسپانىيەدە چىقىدىغان «Clarín» گېزىتى، نايمارنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن 5 قېتىم كۇلۇب باشلىقلىرى بىلەن ئالاقە ئورناتلقانلىقىنى، پارىژدىكى «Saint Germain» كوماندىسىغا ئۆتۈپ كەتكەن نەيمارنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا قايتىپ كېلىش ئۈچۈن كۇلۇب باشقارمىسىغا يالۋۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Monde» گېزىتى، «ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيەدىن ئەسلىھەلىرىنى يۆتكەشنى باشلىدى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Libération» گېزىتى، مايك پومپېيونىڭ ئىرانغا قارشى بىر ئەرەب ناتوسى شەكىللەندۈرۈش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدە چىقىدىغان «Le Figaro» گېزىتى، «لىۋىيەدە، بىنغازى ئۈچۈن قايتىدىن قۇرۇلۇش ۋاقتى» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، «ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن كۈرت (كورد) لەر ھەققىدىكى تالاش- تارتىشلىرىغا قارىماستىن سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييارلىق قىلماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «RIA NOVOSTİ» خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ۋاسكېتبول كوماندىسى «Khimki» نىڭ ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە تۈركىيەنىڭ «ئانادولۇ ئەفەس» كوماندىسىغا مەغلۇب بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «INTERFAX» خەۋەر ئاگېنتلىقى، 2019يىلىدا رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ دۇنيادا جەمئىي 119 دۆلەتنى ۋىزىسىز زىيارەت قىلالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Die Welt» گېزىتى، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال ئېكسپورتىنىڭ ئاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Spiegel Online» گېزىتى، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىلىقىنىڭ «گېرمانىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ھەر 2 تۈركىيەلىكتىن بىرسىنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنماقتا» دەپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «ARD» تېلېۋىزىيەسى، ماركېلنىڭ گىرېتسىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

«Handelsblatt» ئىقتىساد گېزىتى، «بازاردىكى ئۆرلەش ۋە چۈشۈشلەر ئالتۇن باھاسىغا پايدا بولۇۋاتىدۇ. باھادىكى ئەسلىگە كېلىش داۋاملاشماقتا» سەرلەۋھىلىك خەۋەر قىلدى.

«Frankfurter Allgemeine Zeitung» گېزىتى، گېرمانىيەدە ھەر ئىككى توخۇدىن بىرسىدە ئىچ سۈرۈكىگە سەۋەب بولىدىغان باكتىرىيە بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر