02.11.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان تۈركىيەگە ئالاقىدار بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى تۆۋەندىكىچە:.

02.11.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەركىزى ئامېرىكىغا جايلاشقان بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈركىيەنىڭ، سۈرىيەدە فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامېرىكا تەرىپىدىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىنىۋاتقان ي پ گ غا قارشى «كۆلەملىك ۋە كۈچلۈك» ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تاماملانغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۈچلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان بېرلىنېر زېئىتۇڭ گېزىتى، ئىستانبۇل باش مۇپەتتىشىنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ «ئالدىن تۈزۈلگەن بىر پىلان بويىچە كونسۇلخانىغا كىرگەندىن كېيىن بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى» نى، جەسەتنىڭ پارچىلىنىپ يوقىتىپ تاشلانغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ رىئا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ يۇقىرىدىن بۇيرۇق تاپشۇرۇپ ئېلىنماستىن سادىر قىلىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەنلىكىنى يازدى.

بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ دىنېۋنى ئاۋاز ناملىق مېدىيا ئورگىنى، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭى بولۇش ئالدىدىكى ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تەرىپىدىن 29 – ئۆكتەبىر كۈنى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 – يىلىدا ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى، ئايرودۇرۇمنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە يىلدا 90 مىليون يولۇچى كۈتۈۋېلىشىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئەنگلىيەگە جايلاشقان رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقارنىڭ، 260 مىڭ سۈرىيە پۇقراسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى «فىرات قالقىنى» ھەربىي ھەرىكىتى ئارقىلىق تازىلانغان رايونغا قايتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ئابۇنىتلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ، يەرلىك ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ياساشقا باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيەدە چىقىدىغان ترىبۇن گېزىتى، تۈركىيە پاراخوتى «فاتىھ»نىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا بۇرغىلاش خىزمەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى يازدى.

ئىراننىڭ يېرىم رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىسنا، ئىران، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئىستانبۇلدىكى ئۈچ تەرەپ يىغىنىدىن كېيىن ئورتاق باياناتقا ئىمزا قويغانلىقىنى، باياناتتا، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە توسالغۇ بولىدىغان بىر تەرەپلىمە ئېمبارگولارنىڭ ئەيىبلىنىشىنىڭ قەيت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ گلوبال تايمىز گېزىتى، تەيۋەننىڭ ئەڭ چوڭ سىمۇنت شىركىتىنىڭ تۈركىيەدە 1 مىليارد 100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئورتاق شىركەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر