14.09.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

14.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: گېرمانىيەنىڭ «DPA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ھاتاينىڭ رەيھانلى ناھىيەسىدە 2013يىلىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ گۇماندارىنى تۈركىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ  سۈرىيەدىن تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە، لازقىيە شەھىرىدە نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندارنىڭ رەيھانلىدا بومبا ھۇجۇمى قىلىش بۇيرۇقىنى سۈرىيە ئىستىخبارات ئىدارىسىدىن ئالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكانىڭ «Associated Press» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ پولشانىڭ پايتەختى ۋاراشاۋادا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكلاتى كونفېرانسىنى بايقۇت قىلغانلىقى ۋە بۇ بايقۇت قارارىغا كونفېرانستىكىلەرنىڭ تۈركىيەگە قارشى پائالىيەت قىلىۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى سەۋەب كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتوندىكى پەلەستىن ئىشخانىسىنى تاقاش قارارىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكانىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىتەرەپلىكىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە لىراسىنىڭ قىممىتىنى قوغداشقا دائىر جۇمھۇر رەئىسلىك قارارانامىسىنىڭ رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلنغانلىقىنى، بۇ قارارغا بىنائەن، ەير-زېمىن ۋە ھەر تۈرلۈك كۆچمە مۆلۈك ئېلىم سېتىملىرى شۇنداقلا ئىجارە ئىشلىرىدا، چەت پۇلىنى ئاساس قىلىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيە لىراسى ئىشلىتىلىدىغان بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

گېرمانىيەنىڭ «Deutsche Welle» مېدىيا ئورگىنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتلىرىغا كۆرە، تۈركىيەدە ئوتتۇرىشىچە ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ 78 ياش ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ پۈتۈن ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكانىڭ «CNN» خەلقئارا خەۋەر تارقىتىش ئورگىنى، تۈركىيەنىڭ گۈمۈشخانە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، يەر يۈزىدىن يېرىم مېتىر چوڭقۇرلۇقتىن رىم دەۋرىگە تەۋە 2000 يىللىق يادىكارلىقلارنىڭ تېپىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە بىلەن سۇداننىڭ نېفىت قېدېرىش ئۈچۈن سۇداندىكى بىر قانچە مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق يەرگە تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ 100 مىليون دوللارلىق مەبلەغ سېلىشىغا دائىر كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، «تۈركىيە ئىقتىسادى يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %5.2 يۇقىرى ئۆرلىدى. ئېكىسپورت ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى كۈچلۈك ئورنىنى ئىسپاتلاپ، يىلنىڭ 2چارىكىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى» دېيىلدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «سۈرىيەنىڭ ئىدلىب رايونىغا قىلىنىدىغان ھەر قانداق ھەربىي ھەرىكەت، بۇرۇندىنلا ئېغىر مەسىلە ئىچىدە تۇرۇۋاتقان رايوننى پۈتۈنلەي ھالاكەتكە ئىتتىرگەنلىك بولىدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر