07.09.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

07.09.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: خىتاينىڭ «Huitong Wang» خەۋەر تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رۇسىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئىشلىرىدا، دوللارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى، رۇسيەنىڭمۇ دوللارنى ئۆزئارا سودىدا ئېلىم – سېتىم ۋاستىسى قىلىشتىن قۇتۇلۇپ، باشقا بىر تاللاشنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈش ۋاقتى كەلگەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، مالىيە ۋە خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ «ئامېرىكا تاشلاۋاتقان ئىقتىسادىي قەدەملەر ئامېرىكىنى يا دۆلىتىگە، يا خەلقىگە پايدىسى بولمايدىغان بىر نۇقتىغا ئەكىلىپ قويدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «CNN» خەلقئارالىق خەۋەر قانىلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ گىرېتسىيەلىك مەنسەپدىشى نىكوس كوجىئاس بىلەن ئىزمىردە ئۆتكۈزگەن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ پات – پات بوران – چاپقۇنلۇق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي، دىيالوگنى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسى دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، ئامېرىكا تۈركىيە كومىتېتى باشلىقى ھوۋارد بېسېينىڭ «تۈركىيە ئامېرىكىغا نىسبەتەن ھەم سىياسىي، ھەم ھەربىي، ھەم ئىقتىسادىي، بارلىق نۇقتىلاردىن ۋاز كېچىشكە بولمايدىغان بىر شېرىكتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

خىتاينىڭ خەلقئارا رادىيوسى، گىرېتسىيە مۇزىكا مەلىكىسى دېسپىنا ۋاندىنىڭ 17 – سېنتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان 7 –نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سۇناي فېستىۋالىدا، تاماشىبىنلىرى بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقى، رۇسىيەنىڭ ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان سودىدا دوللارنى تاشلاپ، يەرلىك پۇل بىرلىكى ئىشلىتىشكە ئۆتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئامېرىكىدىكى ئامېرىكا – تۈركىيە خەۋەر تورى، ياۋروپالىق ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەگە بولغان قىزىقىشى بارغانچە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ ساياھەت ساھەسىدە رېكورت ئۈستىگە رېكورت يارىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ دېموكراتىيە گېزىتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «تۈركىيە ئاقدېڭىزدا نېفىت قىدېرىپ تەكشۈرۈشنى باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەنقەرە دائىرىلىرىمۇ مەسلىنى نېفىت قىدېرىپ تەكشۈرگۈچى شىركەتلىرى ۋە گىرېتسىيە بىلەن مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

 

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن ئىستانبۇل بوغۇزى ۋە چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان پاراخوتلارغا قارىتا يېڭى بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويىدىغانلىقىنى، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق بوغۇزلاردىن ئۆتۈۋاتقان پاراخوتلار شەكىللەندۈرگەن خەۋپلەرنىڭ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلىشىنى توسۇپ قىلىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەنىڭ «AFP» ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئەگەر ئەسەد قىسىملىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىرى سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، چوڭ قەتلىئام يۈز بېرىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ «CCTV» قانىلى تۈركىيەنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، تۈركىيەنىڭ 4 – سېنتەبىردە ئىدلىب چېگراسىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، خاتاي شەھىرى چېگراسىغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە رايوندا ئېغىر قوراللارنىڭ كۆرۈنگەنلىكىنى، ئالدىمىزدىكى بىر قانچە كۈن ئىچىدە رايونغا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر يۆتكىلىشىنىڭ مۆلچەرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى باشلىقى كەرەم كىنىكنىڭ «قىزىلئاي جەمئىيىتىمىز ئىدلىبكە قىلىنغۇسى ھەربىي مۇداخىلە سەۋەبىدىن ئۆي – ماكانلىرىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدىغان خەلق ئاممىسىنى تۇرالغۇ يەر بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى تەييارلىقلىرىمىزنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۇردۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيە- رۇسىيە خىزمەت گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا سۈرىيە مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىغىن ئېچىلغانلىقىنى، مۇزاكىرىلەرنىڭ 31 – ئاۋغۇستتىن 4 – سېنتەبىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنقەرەدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ ئۇچرىشىشتا، سۈرىيەنىڭ يېقىنقى ۋەزىيىتى ۋە رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر