31.08.2018

بۇ بىر ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرى تكۋەندىكىچە:

31.08.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى:  ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقى تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ ئامېرىكانىڭ تۈركىيەگە قارشى يۈرگۈزگەن ئېمبارگولارنىڭ رايون مۇقىملىقىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى؛ بۇنىڭدا رايوندىكى تېررورلۇق ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسىنىڭ كۆپىيىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران ئىرنا (IRNA) ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ، ئەرەب ۋە شەرق دۆلەتلىرىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي بىلەن بولغان سودىدا مىللىي پۇل بىرلىكلىرىنى ئىشلىتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يەر شارى ۋاقتى گېزىتى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېينىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشنى كۆپەيتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەنلىكلىرىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى 7-سېنتەبىر تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «سۈرىيە» تېمىلىق ئۈچ تەرەپ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىرانغا بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ رىيا نوۋوستى ئاگېنتلىقى تۈركىيەنىڭ « S-400 » ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تاپشۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تېزلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭغا جاۋابەن رۇسىيەنىڭ تۇنجى سىستېمىلارنى تۈركىيەگە 2019-يىلى تاپشۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ ئاقدېڭىز ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە قاراتقان ئانسامېد (ANSAmed) خەۋەرلەر تورى تۈركىيە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراكنىڭ فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا مەنسەپدېشى برۇنو لې مايرې بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، بەرات ئالبايراكنىڭ ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە يېڭى دەۋر يارىتىشنى خالايمىز» دېگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ھۇجۇمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ ۋە قەتئىي ئىرادىسىنىڭ غەلىبە ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئىشەنچ ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەدىكى بەزى رايونلارنى تېررورلۇقتىن تازىلىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى ۋە باشقا رايونلارغىمۇ خاتىرجەملىكىنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گىرېتسىيەنىڭ «مىگنېيشېن تور بېتى» (Mignatiou.com) تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئاتاتۈركنىڭ گىرېتسىيە ئارمىيەسىگە قارشى قولغا كەلتۈرگەن زەپىرى تەبرىكلەنگەن «30-ئاۋغۇست بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىدىكى خاتىرە دەپىتىرىگە: «دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تەھدىتلەر، ھۇجۇملار ۋە دەپسەندىچىلىكلەر، غايىمىز ۋە مەقسىتىمىزگە قاراپ ئىلگىرىلىشىمىزنى ھەرگىزمۇ توسالمايدۇ» دەپ بېغىشلىما يازغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (AP) جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەۋات زارىف بىلەن ئاشكارىلانمىغان بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشتا بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ياپونىيەدە چىقىدىغان «نىھون كېيزاي شىمبۇن گېزىتى»، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ماتتىسنىڭ تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ: «ئىنتايىن سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ماتتىس يەنە: «ئۇچرىشىشتا سۈرىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى، بىز نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىمىز» دېگەن.

گېرمانىيەدە چىقىدىغان «دېر تاگىشپىگېل گېزىتى»  (Der Tagesspiegel) تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، سۈرىيە چېگرالىرى ۋە سۈرىيە چېگراسى ئىچىدىكى رايونلارغا ھەربىي قىسىملارنى يۆتكەۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر