27.07.2018

تۆۋەندە بۇ ھەپتە دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان تۈركىيەگە ئالاقىدار بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

27.07.2018

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: مەركىزىي ئەنگلىيەگە جايلاشقان رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراقنىڭ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن گۈللىنىشىگە ئۈمىد پەيدا قىلغانلىقىنى يازدى.

گېرمانىيەدىكى شىپىگېل خەۋەرلەر تورى، گېرمانىيەلىك تۈرك پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ، گېرمانىيەدە ئىرقچىلىق ۋە بىھۆرمەتلىك قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن مىللىي كوماندىدىن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، تۈرك مىللىتىدىن بولغان پۇتبولچى مەسئۇت ئۆزىلغا بىلدۈرۈلگەن ئىرقچى پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقانلىقىنى يازدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، گېرمانىيەنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان سىمۋول خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئېمبارگولارنى بىكار قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رويتېرز خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بارلىق تەھدىتلەر بىر تەرەپ قىلىنىپ بولغۇچە چېگرا سىرتىدىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى يازدى.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىنىڭ دۆلەتكە «يەھۇدىي خەلقىنىڭ مىللىي دۆلىتى» دەپ ئېنىقلىما بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇننىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە «دۇنيانىڭ ئەڭ فاشىست ۋە ئەڭ ئىرقچى» دۆلىتى، دەپ باھا بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىران ئىرنا خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىننىڭ، ئىسرائىلىيەنى ئىرقچىلىق ۋە ئىشغالچىلىقنى چىقىش قىلغان بىر تۈزۈمدۇر، دېگەنلىكىنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ ئوت ئاپىتىگە مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن گىرېتسىيەگە ياردەم بېرىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى يازدى.

رۇسىيە ئاۋازى رادىيوسى، خەلقئارا قەرز ئىناۋەت دەرىجىسىنى بېكىتىش شىركىتى – فىتچ رېيتىڭسنىڭ، سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ تۈركىيە ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بارلىقى ئۇقتۇرغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر