20.07.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

20.07.2018

ئەنگلىيەنىڭ «BBC» تۈركچە تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 2يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە: «پېنسىلۋانىيەدىكى مەلئۇن (فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتبېشى) نى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاختاپوت (يەنى سەككىز پۇتلۇق بىلىق) نىڭ پۇتلىرىنى كەستۈق» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» مېدىيا ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 15ئىيۇلدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەركىتى جەريانىدا شېھىت بولغانلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە: «15ئىيۇلنى ئۇنتۇلدۇرمايمىز ۋە ئۇنتۇمايمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، «ھېچقانداق كۈچ ئىران - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزالمايدۇ» سەرلەۋھىلىك خەۋەر ئېلان قىلدى.

رۇسىيەنىڭ رىئا نوۋوستى خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيەنىڭ «AN-188» تىپلىق ھەربىي ترانسپورت ئايروپىلانى ياساش ئۈچۈن ئورتاق شىركەت قۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە مەسلىسىنى مۇزاكىرلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

مەركىزىي ئىشخانىسى لوندوندا تۇرۇشلۇق ئىنتېرنېت بېتى، ئەنگلىيەلىك سەنئەتچى ۋە يازغۇچى ئاننە مارىيەنىڭ ئانتاليادا ھەۋەسكارلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ «CNN» تور بېتى، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى/پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 2016يىلى 15ئىيۇلدىكى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان ھەربىيسىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ ئارقىدىن 2016 - يىلى21 - ئىيۇلدا ئېلان قىلىنغان ۋە مۇددىتى ھەر 3 ئايدا بىر قېتىم بولۇپ، جەمئىي 7 قېتىم ئۇزارتىلغان جىددىي ھالەت قانۇنىنىڭ ئاخىرىلاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ «Federalnoe Agentstvo Novostey» مېدىيا ئورگىنى، كۈزدە رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان فېستىۋالدا تۈركىيەنىڭ ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر