22.06.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

22.06.2018

رۇسىيەنىڭ «TASS» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيەنىڭ 2019يىلى ئانتاراكتىكادا پەن - تەتقىقات بازىسى قۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزايېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ پ ي د ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچتە مۇستەقىل چارلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «DW» خەۋەر ئاگېنتلىقى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۆلگۈنچى تېررولۇق تەكشىلاتى پ ك ك/ پ ي د ي پ گ نىڭ 4ئىيۇلدىن ئېتىبارەن سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىتالىيەنىڭ «ANSAmed» خەۋەر تارقىتىش ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدە 3يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭمۇ قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ فارس خەۋەر ئاگېنتلىقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتېفان دېمىستۇرانىڭ ئىران، تۈركىيە ۋە رۇسىيە ۋەكىللىرىنى قايتىدىن جەنۋە مۇزاكىرىلىرىگە تەكلىپ قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچىسى ئۆمەر چەلىكنىڭ ياۋروپادا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاشقۇن ئوڭچىللىقىنى ئىما قىلغان ھالدا «ياۋروپانىڭ دائېشلىرى، ئاشقۇن ئوڭچىلىرىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى تۈركىيەدىكى جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى ئۈچۈن چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق 3 مىليون 47 مىڭ سايلىغۇچىنىڭ %49 ى يەنى، تەڭ يېرىمىنىڭ دېگۈدەك بېلەت تاشلاپ بولغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. 

خىتاي رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا ياز پەسلىدە شەرقىي شىمالىي ئانادولۇنىڭ تاغلىق رايونلىرىنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكى ۋە تارىخىي بايلىقلىرى بىلەن خىتاي ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ «ئەششەرقۇل ئەۋسات» ناملىق خەلقئارالىق ئەرەبچە گېزىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش پاراخوتىنىڭ 3قېتىم ئىستانبۇل بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، «Pioneering Spirit» ناملىق قۇرۇلۇش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزدا تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنى دېڭىز ئاستىغا كۆمۈش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

بوسنىيە گېرېتسېگوۋىنانىڭ ساياھەت خەۋەرلىرى مۇنبىرى تۈركىيە بىلەن بوسنىيە گېرېتسېگوۋىنا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 2003 - يىلىدىن بۇيان 10 ھەسسە يۇقىرى ئۆرلەپ 700 مىليون دوللارغا چىققانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر