18.05.2018

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

18.05.2018

«AP» خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «ئامېرىكا خەلقئارا جامائەتچىلىكنى كۆزگە ئىلماي، ھەق ھوقۇق ۋە ئادالەتكە ھۆرمەتسىزلىك قىلدى» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈرك ئامېرىكان تور بېتى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «تارىخ ۋە ئىنسانىيەت پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ناھەقچىلىقلارنى قەتئىي ئەپۇ قىلمايدۇ» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈرك ئامېرىكان تور بېتى، تۈركىيەنىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ھەپتە ئاخىرى يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

رۇسىيەنىڭ سىپۇتنىك تور بېتى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇشنىڭ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ساياھھەتچىلەر سانى ۋە ساياھەت كىرىمى جەھەتتىن رېكوت يارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ يىل 40 مىليون ساياھەتچىنىڭ كېلىشىنى ۋە 32 مىليارد دوللار كىرىمنى قولغا كەلتۈرىمىز» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 

ئىراننىڭ پارس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تىرېسا مېي بىلەن ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، «ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچىدۇر ۋە بىر تېررورلۇق دۆلىتىدۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

فىرانسىيەدىكى «Euronews» قانىلى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، ئەنگلىيەنىڭ «Premier» بىرلەشمە كوماندىسىدا پۇتبول ئويناۋاتقان تۈرك پۇتبولچىلاردىن جەڭ توسۇن، مەسۇت ئۆزدىل ۋە ئىلكاي گۈندوغان قاتارلىق پۇتبولچىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئايالى ئەمىنە ئەردوغاننىڭ ئەنگلىيە زىيارىتى دائىرىسىدە، پايتەخت لوندوندا، ئايال پادىشاھ ئېلىزابېت تەرىپىدىن بۇكىڭھام سارىيىدا قارشى ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

گېرمانىيەنىڭ «Deutsche Welle» مېدىيا ئورگىنى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئونلىغان پەلەستىنلىكنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ قىلغىنى بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «Parstoday» رادىيو ۋە ئىنتېرنىت بېتى، «تۈركىيە غەززەدە قەتلىئام قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسىنىڭ ئەنقەرەنى تاشلاپ دەرھال دۆلىتىگە قايتىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى» سەرلەۋھىسى ئاستىدا خەۋەر ئېلان قىلدى.

ئامېرىكىدىكى تۈرك ئامېرىكان تور بېتى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن 4ئىيۇندا ۋاشىنگىتوندا كۆرۈشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئىراننىڭ «IRNA» خەۋەر ئاگېنتلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلاردا ۋە بولۇپمۇ غەززەدە ئۆتكۈزگەن بۇ قېتىمقى جىنايەتلىرى جاۋابسىز قالماسلىقى لازىم» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر