09.03.2018

تۆۋەندە بۇ بىر ھەپتە بويىچە چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئورۇن ئالغان تۈركىيەگە ئالاقىدار بەزى مۇھىم خەۋەرلەرنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

09.03.2018

■ رۇسىيە تاس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئىمانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ھاكىمىيىتىنىڭ مۇھاسىرىسى ئاستىدىكى شەرقىي غۇتە كىرىزىسقا چارە تېپىش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

■ ئەزەربەيجان ترەند خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىقتىسادقا مەسئۇل باش مىنىستىر ياردەمچىسى مەھمەت شىمشەكنىڭ سودا ئۇرۇشلىرىنىڭ رەسمىي باشلىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ رۇسىيە رادىيو ۋە خەۋەر ئاگېنتلىقى – سپۇتنىك، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پولات ئىمپورتى بېجىنى ئاشۇرۇشىغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ گېرمانىيەنىڭ دېئۇشې ۋېللې مېدىيا ئورگېنى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرى ۋە ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلاردا 170 مىڭ كىشى سىغىدىغان توققۇز مۇساپىلار لاگېرى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ ئامېرىكا س ن ن خەۋەر قانىلى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا جايلاشقان ئەنقەرە سودا باشقارمىسى بىناسىغا «ھېچكىم تېررورغا قارشى كۈرىشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ» دېگەن خەت يېزىلغان  ئاي – يۇلتۇزلۇق چوڭ لوزۇنكىنىڭ ئېسىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ ئەنگلىيە ب ب س قانىلى، قەيسەرىدىكى ئەرجىيەس قىشلىق تەنھەرىكەت مەركىزىنىڭ 22- مارتتىن 25 – مارتقىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەنىڭ تۇنجى پاراشۇت چاناسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى، تۈركىيەنىڭ، چېگرادىن ئۆتۈپ ھەربىي رايونغا كىرگەندىن كېيىن جاسۇس بولۇش ئېھتىمالى نەزەردە تۇتۇلۇپ قولغا ئېلىنغان 2 گىرېتسىيە ئەسكىرىنىڭ رايوندا تارتقان فوتو – سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

■ ئەنگلىيەنىڭ رويتېرس خەۋەر ئاگېنتلىقى، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئىرانلىق مەنسەپدېشى ھەسەن رۇھانى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى، ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇرۇش توختىتىش خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش بويىچە بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر