چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 06.12.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 06.12.2017

ئەنگلىيەدىكى رويتېرس گېزىتى «ئەردوغان: قۇددۇس سەۋەبلىك تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىشى مۇمكىن، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش ئۈستىدە ئويلىشىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، بۇنداق قىلمىشقا  مۇسۇلمانلارنىڭ تولىمۇ سەزگۈر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى. ئەردوغان: ھۆرمەتلىك تىرامپ! پەلەستىن خەلقى ئىزتىراپلار ئىچىدە ياشاۋاتقان مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيتتە، ئىسرائىلىيەنىلا قوللاش خاراكتېرلىك قارارلارنى چىقىرىش خەلقئارا قانۇننى دەپسەندە قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، ئامېرىكىنى رايوندىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدىغان قەدەمنى تاشلىماسلىققا چاقىرىمەن ۋە ئاگاھلاندۇرىمەن.»

ئىران مېھر خەۋەر ئاگېنتلىقى «كالىن: ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى پىلانلىشى ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىدارىسى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەش پىلانىنىڭ ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ Twitter ئادرېسىدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقىتىپ: ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلغانلىقى توغرۇلۇق پەيدا بولغان خەۋەرلەر كىشىنى تولىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ قۇددۇسنىڭ دىنى ۋە تارىخىي سالاھىيىتىگە، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ۋە ب د ت قارارلىرىغا زىت ھەرىكەتتۇر. ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ۋەزىيىتى تولىمۇ كەسكىن ۋە مۇرەككەپ بولىۋاتقان كۈنىمىزدە، ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكەشنى قارار قىلىشى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىگە ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ ۋە رايوندا يېڭى توقۇنۇش ۋە سۈركىلىشلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق ئەجەللىك خاتالىقنى سادىر قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.»

ئامېرىكا ئاۋازى «ۋاشىنگىتوندا تۈركىيە يىغىنى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئوتتۇرا شەرق ئىنىستېتۇتى ناملىق چۈشەنچە ۋە تەتقىقات ئورنىدا تۈركىيە توغرۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياۋروپا ۋە ياۋرو-ئاسىيا ئىشلىرى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جوناتھان كوھېن يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى<رۇسىيە بىلەن غەرب ئارىلىقىدا تۈركىيە>ناملىق پىروگراممىسىدا تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ۋاقىت كۈچلۈك بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دىيالوگ، ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنىڭ تولىم ئەھمىيەتلىك ئىگەنلىكى تەكىتلەندى. كوھېن تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتودا ھەربىي قوشۇن جەھەتتە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. كوھېن يىغىندا سۈرىيەلىك مۇساپىرلارغا قۇچاق ئاچقان تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقىنىڭ مەدھىيە لايىق ئىكەنلىكىنىمۇ بىلدۈردى.»

قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قىرىم خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئۇكرائىنا سودا دۇنياسى ۋەكىللىرى دېڭىزلى شەھىرىنى زىيارەت قىلدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئۇكرائىنانىڭ زاپورىجيا سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ھەيئەت دېڭىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئوسمان زولان بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە تۈركىيە-ئۇكرائىنا سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى ۋەكىلى ھالىل زەيبەك، زوپورىيجيا سودا-سانائەت ئۇيۇشمىسى باشلىقى ۋولودىيمىيىر  شامىلوۋ ۋە زاپورىجيا شەھىرىدىن كەلگەن سودا-سانائەتچىلەرمۇ قاتناشتى. ۋولودىيمىيىر  شامىلوۋ : ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە زاپورىجيا شەھىرى بىلەن دېڭىزلى شەھىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ جايغا كەلدۇق، دېدى. بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى ئېيتقان دېڭىزلى شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ئوسمان زولانمۇ مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت مەۋجۇت، بۇ دائىرىدە ئۇكرائىنا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سودىدا دېڭىزلى شەھىرىنىڭمۇ تۆھپىسىنىڭ بولۇشى بىزنى تولىمۇ خوشال قىلىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئەنقەرە ئەردوغاننىڭ ئافېنا زىيارىتىنى مۇئەييەنلەشتۈردى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 65 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلغان تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى بولىدۇ، ئەردوغان 7-دېكابىردىن 8-دېكابىرغىچە گىرېتسىيەنى زىيارەت قىلىدۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەردوغاننىڭ زىيارەت ئەسناسىدا گىرېتسىيە پىرېزىدېنتى پىروكوپىس پاۋلوپولوس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئەردوغاننىڭ گىرېتسىيە زىيارىتىنىڭ كۈنتەرتىپىنى مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ.»

قىرغىزىستان قارار خەۋەر ئاگېنتلىقى «باكۇ-تىبلىس-كارس لىنىيەسى: يېڭى كۆزنەكتۇر»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «باكۇ-تىبلىس-كارس يېڭى تۆمۈر يول لىنىيەسىدە تۇنجى پويىز ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ پويىز بىلەن ئىلگىرىمۇ قازاقىستاننىڭ كۆكشەتاۋ شەھىرىدىن تۈركىيەنىڭ مەرسىن شەھىرىگە ئاشلىق ئەۋەتىلدى، باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يولى ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئارىسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئەڭ قىسقا لىنىيە بولىدۇ. باكۇ-تىبلىس-كارس تۆمۈر يول لىنىيەسى كاسپىي دېڭىزىدىكى تىرانسپورت ئىمكانىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى ۋە خىتايدىن ياۋروپاغا مال توشۇش ئۈچۈن مۇۋاپىق شارائىت يارىتىپ بېرىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر