چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 11.10.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 11.10.2017

ئامېرىكىدىكى تاراتقۇ ئورگىنى AP «ئەردوغان تۇتۇلغان ئامېرىكا كونسولخا خادىمىنىڭ جاسوس ئىكەنلىكىنى، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئامېرىكا كونسولخانىسىنىڭ خادىمىنىڭ جاسوس ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ مۇشۇنداق <ئىچكى تەھدىت> ئالدىدا چوقۇم تىگىشلىك قەدەملەرنى تاشلاش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتتى. سىربىيەنىڭ پايتەختى بېلگرادتا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى: بۇ جاسوسلار ئامېرىكا كونسولخانىسىغا قانداق سوقۇنۇپ كىردى؟ ئەگەر ئۇلار سوقۇنۇپ كىرمىسە ئۇلارنى كىم بۇ جايغا ئورۇنلاشتۇردى؟»

رۇسىيەدىكى رىيا نوسوستى (RİA NOVOSTİ) گېزىتى «تۈركىيە باش مىنىستىرى ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىشنى نازارەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بەرپا قىلىنىدىغانلىقىنى ، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىدلىبتە ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىپ قىلمىغانلىقىنى نازارەت قىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ بەرپا قىلىنىشى ئۈچۈن 8-ئۆكتەبىردىن بۇيان ئىستىخبارات خىزمەتلىرىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى پارلامېنت گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلغان يىلدىرىم ئەنقەرە بىلەن ۋاشىنگتىون ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كىرىزسىدىن كېيىن تۈركىيە پۇقرالىرىغا ۋىزا بېرىشنى توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان ئامېرىكىنىڭ بۇ ئىشىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىققا توغرا كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.»

ئىراندىكى ئىرانا ئاگېنتلىقى «ئەردوغان جەنۇبىي چېگرايىمىزدا تېررورلۇق كارىدورى بەرپا بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايمىز، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي چېگراسى ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىدا تېررورلۇق كارىدورىنىڭ بەرپا بولۇشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى قەيت قىلدى:< بۇ جايلاردا دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن جىددىي خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. ھازىر بۇ ئىشقا سۈكۈت قىلساق كەلگۈسىدە رەسمىي دۆلەت شەكىللىنىدۇ>، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى توقۇنۇشماسلىق رايونىغا ئەسكەر ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەن ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ جەھەتتە ھەر قانداق بىر مەسىلە يۈز بەرمەستىن بىزنىڭ قوللىشىمىز ۋە سۈرىيە ئەركىن ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.»

رۇسىيەدىكى خەۋەر ۋە رادىيو ئاگېنتلىقى Sputnik «سېنتەبىردىمۇ ئىستانبۇلنى ساياھەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى ياز ئېيىدىكىگە ئوخشاشلا كۆپ بولدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىستانبۇل 9 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن 8 مىليون چەت ئەللىك ساياھەتچىگە ساھىبخانلىق قىلدى، سېنتەبىردە ئىستانبۇلنى ساياھەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغانادا %30 ئاشتى، ئىستانبۇل سېنتەبىردە 1 مىليون 45مىڭ 896 چەت ئەللىك ساياھەتچىگە ساھىبخانلىق قىلدى، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 9 ئېيىدا ئىستانبۇلنى ساياھەت قىلغان چەت ئەللىك ساياھەتچى سانى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %13 ئاشتى، ئىستانبۇل بۇ يىل يانۋاردىن سېنتەبىرغىچە بولغان مەزگىلدە 7 مىليون 997مىڭ 982 چەت ئەللىك ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر