09.08.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل ماتبۇئاتلىرىدا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ ئاساسىي مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

09.08.2017

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەزەربەيجاندا چىقىدىغان «ترېند گېزىتى» تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىمىنىڭ قىرغىزىستان باش مىنىستىرى سورونباي جېنبىكوۋ بىلەن چانكايا سارىيىدا كۆرۈشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە، قىرغىزىستاندىكى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنىڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇققا كۆلەڭگە چۈشۈرمەسلىكى ئۈچۈن قىرغىزىستان تەرەپنىڭ بۇ ھەقتە زۆرۈر قەدەملەرنى تاشلاپ، ھەمكارلىشىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا كۈتكەنلىرىنى تەكىتلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ كۆرۈشۈشىدە، دوست ۋە قېرىنداش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر خىل يۈنۈلۈشلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنغان. قىرغىزىستان رەھبىرى قېرىنداش ۋە دوست ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە يامان تەسىر پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن قوللىرىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان.

ئامېرىكادىكى «تۈركىش ئامېرىكان» (Turkish American) ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د غا ھەربىي ياردەم قىلىش داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

ئامېرىكا سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەشنى باھانە قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د غا ھەربىي ياردەم قىلىشنى داۋام قىلماقتا. 112 يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىلغان ياردەم راققەنىڭ شىمالىدىكى تېررورىستلارغا ئەۋەتىلدى. يۈك ئاپتوموبىلىغا بېسىلغان ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىشلىتىدىغان يۇقىرى ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە «خاممېر» (Hummer) ماركىلىق ھەربىي ئاپتوموبىللار، يېقىلغۇ قاچىلاش ئاپتوموبىللىرى ۋە ھەر خىل ئاپتوموبىللار ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەربىي ياردەملەرنىڭ خېلى ئۇزۇنغىچە كېچە ۋاقىتلىرىدا ئەۋەتىلىشى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۈستىنىڭ يېپىق بولۇشى نەزەردىن قاچمىدى.

رۇسىيەدە چىقىدىغان «سپۇتنىك گېزىتى»، ئاقدېڭىز ساياھەت مېھمانسارايلىرى ۋە شىركەتلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەركان ياغجى يانۋار ئېيىدىن ئىيۇل ئېيىغىچە ئانتاليادا 2016-يىلىغا سېلىشتۇرغاندا ئاشقان تەخمىنەن 2 مىليون ساياھەتچىنىڭ ھەممىسىنىڭ رۇسىيەلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

ئانتالياغا ئېيۇل ئېيىدا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 2016-يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %76 ئاشقان بولۇپ، بۇ سان 2015-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %8، 2014-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %9 ئاز ئىكەن. 2017-يىلدىكى ئېشىش رۇسىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان.

مەزكۇر گېزىت يەنە، تۈركىيە-قاتار ئورتاق ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، قاتاردا تۈركىيە-قاتار ئوتتۇرىسىدا 5-ئاۋغۇستتىن 7-ئاۋغۇستقىچە «ئۆز ئارا ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

تۈركىيە ئارمىيە تەرەپ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، مانىۋېرنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆتكۈزۈلگەن قىسمىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىن 6-ئاۋغۇستقىچە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قاتاردىكى قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

«تۈركىش ئامېرىكان» تور بېتى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك يېنىك ئاتلىتكا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، تۈركىيە ماھىرى ياسمانى كوپېللونىڭ ئەرلەر 400 مېتىرغا توسۇق ئاتلاپ يۈگرەشتە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

بىلدۈرۈلىشىچە، ئەسلى كۇبالىق بولغان تۈركىيە پۇقراسى ياسمانى كوپېللو 2016-يىلى رىيو تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە مىس مېدالغا، ياۋروپا چىمپېيونلۇقى مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە بولسا، 400 مېتىر توسۇقتىن ئاتلاپ يۈگرەشتە 48 سېكۇنت 91 دەقىقە بىلەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر