12.07.2017

بىر ھەپتىدىن بۇيانقى چەت ئەل گېزىتلىرىدە ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

12.07.2017

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «زەيبەكچى قاتارغا ياردەم ئەمەس مال ئىكسپورت قىلدۇق، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ قاتارغا ياردەم ئەمەس 20 مىليون دوللارلىق مال ئىكسپورت قىلغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە قاتارغا ياردەم قىلمايۋاتىدۇ، مال ئىكسىپورت قىلىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە تەخمىنەن 200 يۈك ئايروپىلانى بىلەن مال ئىكىسپورت قىلدۇق، بىز مۇشۇلارنى قىلىش ئارقىلىق دۇنيادىكى سودا تىرانپسورت ساھەسىدە بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردۇق.»

ئوخشاش ئاگېنتلىق يەنە «چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى يۈزەكى، تەلەپلىرى بىمەنە، دېدى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىۋېتسارىيەنىڭ كانس مونتانا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈپ نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان قىبرىس مۇزاكىرىلىرىدە تۈرك دائىرىلىرىنىڭ باشتىن-ئاخىرى روشەن پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتتى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى 44-نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن  پىل چىشىنىڭ پايتەختى ئابىدجانغا يېتىپ بارغان مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: قىبرىس مۇزاكىرىلىرىدە تۈرك دائىرىلىرى روشەن پوزىتسىيە نامايەن قىلدى، قىبرىس رىم دائىرىلىرىنىڭ باياناتلىرى يۈزەكى ۋە تەلەپلىرى تولىمۇ بىمەنىدۇر.»

ئىتالىيە  Askanews گېزىتى «ئەردوغان 15-ئىيۇلدىن كېيىن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار كىرىزىسى سەۋەبلىك ۋەزىيىتى كەسكىنلەشكەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ. گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئەردوغان، تۈركىيەگە قايىتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قاتار كىرىزىسى توغرۇلۇقمۇ توختالدى. ئەردوغان گ-20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە، قاتار كىرىزىسى مەسىلىسىدە ھەر ئىككى رەھبەرنىڭ مەسىلىنى دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ياقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكلىرىنى ئېيتتى. بۇلتۇر 15-ئىيۇلدا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشى سادىر قىلىشىنىڭ 1-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەردىن كېيىن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇش پىلانىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئەردوغان مۇنداق دېدى: پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولساق بەلكىم كىرزىسىنىڭ دىيالوگ يولى ئارقىلىق ھەل بولۇشىغا تۆھپە قوشقان بولىمىز. مەن قاتار، كۇۋەيت ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولۇشنى پىلانىۋاتىمەن.»

ئامېرىكىدىكى مەلۇم بىر تور بېكىتى « بىرلىكتە ھەرىكەت قىلساق ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىشقا ئېشىشى مۇمكىن»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يىلدىرىم ئىستانبۇل يىغىن مەركىزىدە  چاقىرىلغان دۇنيا نېفىت يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دەۋرىمىزدە دۆلەتلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيەگە ئېرىشىپ بەھرىمان بولۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ئۆلچىلىنىدىغان بولدى. بۈگۈن بۇ جايدا ھەممىمىزنىڭ مەقسىتىنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمەن، مەقسىتىمىز شۇكى: نېفىت قاتارلىق بارلىق ئېنېرگىيە بايلىقلىرىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بارلىق رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.»

رۇسىيەدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى Sputnik «تۈركىيە مۇسۇل ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىدىن مەمنۇن»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «تۈركىيە ئىراق ئارمىيەسىنىڭ مۇسۇل شەھىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈردى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكمۈشتىكىگە ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇسۇل خەلقى بىلەن  بىر سەپتە تۇرىمىز. باياناتتا تۈركىيەنىڭ مۇسۇلنى قايتىدىن بەرپا قىلىش خىزمىتىگە كۈچ چىقىرىشقا تەييار ئىكەنلىكىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىلدى.»

ئامېرىكىدىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى AP «ئەردوغان بىلەن ترامپ گ-20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە  سۇندى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى. بۇ كۆرۈشۈش بۇرۇن پىلانلانمىغانىدى، ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ھۇكابې ساندېرس ترامپ بىلەن ئەردوغاننىڭ گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدە چاقىرىلغان گ-20دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا قىسقا بولسىمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى. ساندېرس رەھبەرلەرنىڭ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ئۈستىدە كېڭەشكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.»


خەتكۈچ: دائېش , Sputnik

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر