چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 19.04.2017

بۇ ھەپتىلىك چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدىن تاللاپ تەييارلىغان مۇھىم خەۋەرلىرىمىزنىڭ قىسقىچە مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكىچە:

چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەپتە: 19.04.2017

گىرېتسىيەدىكى Newsbeast گېزىتى «خەلق ئىرادىسىنى ساندۇقتا نامايەن قىلدى، رېفېراندۇم توغرۇلۇق پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلار ئاخىرلاشتى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە ئوقۇرمەنلىرى بىلەن مۇنۇلارنى ئورتاقلاشتى: «باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى ھۆكۈمەت تۈزۈمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقانلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: خەلق ئىرادىسىنى ساندۇقتا نامايەن قىلدى، شۇڭا تالاش-تارتىشلار ئاخىرلاشتى. ھەممە ئادەم رېفېراندۇمنىڭ نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىم.»

ئەنگلىيەدىكى رويتېرىس (Reuters) خەۋەر ئاگېنتلىقى «ئالىي سايلام ئورگىنىغا قارىتىلغان تەنقىدلەر سىياسىي مەقسەتلىك»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارغا ئورۇن ئاجراتتى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى مىنىستىرى ئۆمەر چەلىك رېفېراندۇمدا ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ تامغىسىز بېلەتلەرنى ئىناۋەتلىك قوبۇل قىلىش قارارى توغرۇلۇق پەيدا بولغان تالاش-تارتىشلارنىڭ سىياسىي مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. چەلىك تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك قانۇنىي ئاساسىنىڭ بارلىقىنى، سايلام ۋە رېفېراندۇملارنىڭ مۆتىدىل مۇھىت ۋە ھەممىگە ئوچۇق شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنۇلارنى دېدى: ئالىي سايلام ئورگىنىنىڭ تامغىسىز ئاۋاز بېلەتلىرىنى قوبۇل قىلىش قارارىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلار ۋە تالاش-تارتىشلار سىياسىىي ئەمەلەرگە خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بۇ خاتادۇر. ياۋروپالىق بەزى سىياسىي شەخسلەر رېفېراندۇمنى ياۋروپا-تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تۈگۈنى دەپ قارايدۇ. بۇ خىلدىكى باياناتلار ۋە قاراشلار  ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ دېموكراتىيە ئەنئەنىسىدىن  مەھرۇم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. »

گېرمانىيەدىكى DPA ئاگېنتلىقى «ياۋروپالىق كۆزەتكۈچىلەر پ ك ك نى قوللايدۇ»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئورقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇندى: « تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش رېفېراندۇمىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن كۆزەتكۈچى ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرىدىن گېرمانىيەدىكى سولچىل پارتىيە ئەزاسى ئاندرېج ھۇنكونىڭ خائىن ۋە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى ، بۇنىڭدىن ياۋروپالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ رېفېراندۇمنى كۆزەتمەيدىغانلىقىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ Twitter ئادرېسىدا بۇ توغرۇلۇق ئۇچۇر تارقىتىپ ھۇنكونىڭ پ ك ك بايرىقى ئالدىدا چۈشكەن رەسىمىنى تارقاتتى، چاۋۇشئوغلۇ رەسىمنىڭ تېگىگە مۇنۇ ئۇچۇرنى يازدى:< تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سىمۋولى ئالدىدا رەسىمگە چۈشكەن ھۇنكو، ياۋروپا كېڭىشىنىڭ سايلام كۆزەتكۈچىسىدۇر. بۇ شەخستىن قانداقمۇ بىتەرەپ بولۇشىنى كۈتەلەيمىز.> ھۇنكو يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمغا ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسىگە ۋاكالىتەن كۆزەتكۈچى سالاھىيىتىدە قاتناشقانىدى.»

ئىراندىكى ئىرنا ئاگېنتلىقى «تۈركىيە ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رېفېراندۇم توغرۇلۇق ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇلارنى نەقىل قىلدى: «تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رېفېراندۇمنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە مۇۋاپىق بولمىغانلىقى توغرۇلۇق ئىلگىرى سۈرگەن قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى بىلدۈرۈلدى. ياۋروپا خەۋپسىزلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېموكراتىك ئورگانلار ۋە ئىنسان ھەقلىرى ئىشخانىسىنىڭ دوكلاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئورگاننىڭ رېفېراندۇمغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.»

قاتاردىكى ئەل-جەزىرە تېلۋىزىيە قانىلى «پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ غەلبىسى»سەرلەۋھىلىك خەۋىرىدە مۇنۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇرمەنلىرى بىلەن ئورتاقلاشتى: «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رېفېراندۇمدا قوللاش ئاۋازى چىقىشىنىڭ پۈتكۈل تۈركىيەنىڭ غەلبىسى بولىدىغانلىقىنى، چەت ئەلدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىنىڭ بۇ غەلبىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييپ ئەردوغان شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونىدىكى ۋىلايەتلەردە  چىققان رېفېراندۇم نەتىجىسىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: تۈركىيە 200 يىلدىن بۇيان تالاش-تارتىش قىلىپ كېلىنىۋاتقان ھۆكۈمەت تۈزۈمى مەسلىسىدە تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە قارار بەردى. بۇ قارار ئادەتتىكى قارار ئەمەس، 16-ئاپرېل ھۆكۈمەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش قارار قىلىنغان مۇھىم كۈندۈر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر